شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان ھەربىي مەشىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەشق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم

2020.11.26 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  25-نويابىر، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  ■ پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۇرۇش، ئەمەلىي مەشىق، بىرلەشمە ئۇرۇش، بىرلەشمە مەشىق، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مەشىقنى كۈچەيتىش، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك

  ■ نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتى، ھەربىي كۈرەش ۋەزىيىتى، ئارمىيەمىزنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسى، زامانىۋى ئۇرۇش ھالىتى، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي مەشىقى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىش، ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

  ■ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش. جاپالىق، قاتتىق مەشىق قىلىش جەريانى، ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىت، كەسكىن، مۇرەككەپ ھەربىي كۈرەش جەريانىدا قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ ۋە تاۋلاپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غايە-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇرۇش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى تاۋلاپ، جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەيسەرانە ئۇرۇش قىلىش روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك

  ■ پارتىيەنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي ئىشلار، ئۇرۇش، ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، ئۇرۇش قىلىشنى چۈشىنىپ، قوماندانلىق قىلىشنى بىلىپ، مەشىق تەشكىللەشكە ماھىر بولۇپ، مەشىقنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىم يېتىشتۈرۈشى لازىم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنى 25-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۇرۇش، ئەمەلىي مەشىق، بىرلەشمە ئۇرۇش، بىرلەشمە مەشىق، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مەشىقنى كۈچەيتىش، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىغا بېرىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ۋەكىللىرى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەشىق قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي مەشىق __ قىسىمنىڭ دائىملىق مەركىزىي خىزمىتى، جەڭگىۋارلىقنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي يولى، ئەڭ بىۋاسىتە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى بولۇپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان ھەربىي مەشىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي مەشىقنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش، ئەمەلىي مەشىقنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشمە جەڭ، بىرلەشمە مەشىققە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، مەشىق ساھەسىدىكى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي تەلىم ماھارىتى كۆرسىتىشكە كەڭ كۆلەمدە تۈرتكە بولدى. ئارمىيەمىز ھەربىي مەشىقتە، ئەمەلىي ئۇرۇشقا يېقىنلىشىش، ئەمەلىي ئۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە چوڭ قەدەم تاشلاپ، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بەزى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا تىرەك بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتى، ھەربىي كۈرەش ۋەزىيىتى، ئارمىيەمىزنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسى، زامانىۋى ئۇرۇش ھالىتى، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي مەشىقى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىش، ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇرۇش بىلەن مەشىقنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپى بويىچە مەشىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش بىلەن مەشىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بىرلەشمە مەشىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە مەشىقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزگىچە بىرلەشمە مەشىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش؛ مەشىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە جەريانىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام، تۈزۈم ۋە ئۆلچەم ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، تولۇق دەۋرىيلىك، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن مەشىقنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ، يېڭى ساھەدىكى مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار مەشىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەشىقنىڭ پەن-تېخنىكا سالمىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ مەشىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئامىلنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەينەن ھەربىي تەلىم مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەشىق كاپالىتى سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش؛ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ مائارىپى، قىسىملارنىڭ مەشىق ئەمەلىيىتى، ھەربىي كەسپىي مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقى جەھەتتىكى زور بىر تۈركۈم كەسىپ ئەھلىنى يېتىشتۈرۈش؛ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىي دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي تەلىم قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەربىي تەلىم جەھەتتىكى ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش؛ جاپالىق، قاتتىق مەشىق قىلىش جەريانى، ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىت، كەسكىن، مۇرەككەپ ھەربىي كۈرەش جەريانىدا قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ ۋە تاۋلاپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غايە-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇرۇش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى تاۋلاپ، جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەيسەرانە ئۇرۇش قىلىش روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلىشى؛ ئەمەلىي ئۇرۇشنى چۆرىدەپ مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق خىزمەت يۆنىلىشى، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، سىياسەت يۆنىلىشى، جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ قاتتىق مەشىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتلاممۇ-قاتلام بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇ-دەرىجە چىڭىتىشى؛ پارتكوملارنىڭ ئۇرۇشنى، مەشىقنى مۇزاكىرە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەشىقنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشى؛ مەشىق جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزىتىپ، مەشىق ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي ئىشلار، ئۇرۇش، ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، ئۇرۇش قىلىشنى چۈشىنىپ، قوماندانلىق قىلىشنى بىلىپ، مەشىق تەشكىللەشكە ماھىر بولۇپ، مەشىقنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىم يېتىشتۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇش __ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ماسلاشتۇرۇشى، ھەر قايسى تەرەپلەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەشىق مەيدانى قۇرۇلۇشى، مەشىق بايلىقى كاپالىتى، مەشىقتە مېيىپ بولغانلار نەپىقە پۇلى، مانېۋىر-مەشىق ۋەزىپىسىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچلۈك قوللاپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەشىق قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئوقۇدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەشىق قىلىشتىكى ئون ئىلغار ئورۇن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەشىق قىلىشتىكى 23 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ