مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش لازىم

2020.11.26 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدار-ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىي ساپاسى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئىدىيەسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى. ئالىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشتا غايە-ئېتىقاد، ئەخلاق-پەزىلەت، پۇختا بىلىم، مېھرىبان قەلب بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

  ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىلىم تارقاتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزى بىلىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، بىلىمگە ئىشىنىشى لازىم. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلىگۈچىلەر ئاۋۋال تەربىيەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىلغار ئىدىيە مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە يول باشلىغۇچى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.» ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى غايە-ئېتىقادنى ئىلمىي نەزەرىيەنى ئەقلىي تونۇش ئاساسىدا، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ئاساسىدا، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، ھەرىكەت مىزانى − ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈم- بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىشنى كۈندىلىك مائارىپ تەپتىشلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پۇختا بىلىم ئاساسى، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، تىرىشچان ئوقۇتۇش پوزىتسىيەسى، ئىلمىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلى − ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ساپاسىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە بىلىم ئاساستۇر. ئالىي مەكتەپلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، مەۋقەنى خەلقئارا نەزەر دائىرىسى، دۆلەت ھېسسىياتى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى قاتارلىق يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم «چوڭ ئەپەندى»، ھەم «ئوقۇتقۇچى» بولۇشقا يېتەكلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ