مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىز مەنپەئەتپەرەسلىك قورالى ئەمەس

2020.07.24 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى مەزگىلدە، ھەر خىل «تالانتلىق بالا»لار ئارقا-ئارقىدىن توردا نامايان بولدى. بەزىلەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 پارچە شېئىر يازىدۇ، دېيىلسە، بەزىلەر «بەش ياشقا كىرگەندە ئايروپىلان ھەيدىگەن، سەككىز ياشقا كىرگەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان» دېيىلدى، يەنە بەزىلەر «پەن تەتقىقاتتا ساۋاتسىز»دىن قىسقىغىنە بىر يىلدا مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىپ، ئىلمىي ماقالە يېزىپ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى... «ياش، قابىلىيەتلىك» بۇ بالىلار سانسىزلىغان تورداشلارنى «باش ئەگدۈردى»، شۇنداقلا كەڭ كۆلەمدە گۇمان پەيدا قىلدى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن «تالانتلىق بالىلار رىۋايىتى»نىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ، ئەمەلىيەتتە «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  «تالانتلىق بالا» ھېكايىسى قەدىمدىن تارتىپ بار. ئەمما يېقىنقى يىللاردا تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاجايىپ ماھارەتكە ئىگە «تالانتلىق بالا»لار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجايىپ ماھارەتلىرى بىلەن ئاددىي ساۋاتلارغا جەڭ ئېلان قىلماقتا. بىز ھەقىقەتەن تۇغما ئەقىللىق بالىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمىز، لېكىن، ئاشۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئاتالمىش «تەرجىمىھال»غا نىسبەتەن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياتچان ۋە ئاقىلانىلىك بولۇش كېرەك. نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «تالانتلىق بالا»لارنىڭ «تالانتى»نىڭ كۆپىنچىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلىنغان. بىر بولسا ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئورنىدا تاماملىغان، بالىسى پەقەتلا جابدۇققا ئايلىنىپ قالغان ياكى ئاتا- ئانىلار نام-مەنپەئەت قوغلىشىپ، بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئاقما لىنىيەسىدىكى پۇرۇچ قونچاق قىلىپ قويغان. بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق.

  «تالانتلىق بالا»نى ياساپ چىقىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ تەشۋىشلىنىش روھىي ھالىتىدىكى رېئاللىق. پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى، باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدى. بىراق، زور بىر تۈركۈمدىكى ئاتا-ئانىلار ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئالدىن ھەرىكەت قىلسا، بىر مەيدان مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش «مۇسابىقىسى» نى قانات يايدۇرغان بولىدۇ. «بالىڭىز تالانتلىق بولسا، مېنىڭ بالام تېخىمۇ تالانتلىق بولىدۇ» دېگەن ھېكايىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەندە، تېخىمۇ كۆپ ئاتا- ئانىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ، «تىياتىرخانا ئېففېكتى»مۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ: بەزىلەر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالدىن يۈگۈرۈۋالسا، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئالدىن يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە ئادەم مۇددەتتىن بۇرۇن يۈگۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە مائارىپ بايلىقى ھەددىدىن زىيادە خوراپلا قالماي، پۈتكۈل جەمئىيەتنىمۇ «ھەرقانداق ئىشتا تېز نەتىجە قازىنىش»، «نام چىقىرىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلىش»تەك ئالدىراقسانلىققا پاتۇرۇپ قويىدۇ. سانسىزلىغان مايسىلارغا مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، بالىلار مەنپەئەتپەرەسلىك قورالىغا ئايلىنىپ قالسا، ئىجتىمائىي قىممەت باھالاش سىستېمىسى بۇرمىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باش چۆكۈرۈپ كۈرەش قىلىش قىممەت قارىشى يوقىلىدۇ.

  دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا يېتىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆزىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىش − مائارىپنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىدۇر. ئەكسىچە، بالىنى ياخشى كۆرۈش نامىدا چوڭلار دۇنياسىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بالىنى تېز يۈگۈرۈشكە تارتقۇشلاش، ھەتتا ئۆزىنىڭ بايلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بالىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا «ئالتۇن يالىتىش» قارىماققا يېقىن يول بىلەن ماڭغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا ئورەك كولاش بىلەن باراۋەردۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش رىتىمىنى خالىغانچە كونترول قىلسا، قىسقارتسا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى ۋە تالانتىنى كۆمۈپ قويۇشى مۇمكىن. چېكىدىن ئاشقان ئالدىن بېرىلگەن تەربىيە بالىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى بېسىم ئىچىگە ئېلىپ كىرىپلا قالماي، بىلىم ئېلىشنى رول ئېلىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار ھەددىدىن زىيادە ئاشكارا، رادىكال ھالەتتە بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىلارنى بالدۇرلا سودا دۇنياسىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىغا ئىتتىرىپ قويسا، بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا مۇناسىۋەت يولى، كۆپتۈرۈش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ چاكىنىلىقلىرىنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.

  پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىنى زورلاپ مۇۋەپپپەقىيەت قازاندۇرۇپ، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەندىن كۆرە، مايسىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغۇرۇپ، بالىنىڭ ئۆز كۈچى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى كۈتكەن ياخشى. ئۇلارنى بەش ياشقا كىرگەندە بەش ياشتىكى ئويۇننى ئويناش، ئون ياشقا كىرگەندە، ئون ياشتىكى قىزىقىشقا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن بەدىنىنى يېتىلدۈرۈپ، پىسخىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىجەز-خۇلقىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش، ھەرىكەت ئادىتىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش − مانا بۇ «مۇھەببەت تەربىيەسى»نىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ