مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بىز جۇڭگونىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات سىياسىتىگە ئامېرىكىنىڭ يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە ئامېرىكىنى ئۇ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز

2020.07.24 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىياسىتى ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئەيىبلىگۈسىزدۇر. جۇڭگو ئامېرىكىنى خاتا ئۇسۇللارنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگوغا قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 22- چېسلاTwitter دا جۇڭگونىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سىياسەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى بىر ئۇلىنىشنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇلىنىشتىكى خەۋەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئامېرىكا تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ، دېيىلگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ قېتىم مەيدانىنى بىلدۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بويىچە، جۇڭگونىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا ھالدا بۇرمىلىدى ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى، ھەمدە جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىنى ئەخلاقسىزلارچە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ، ھەتتا تەھدىت سېلىپ جازالىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. ئامېرىكىنىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تارىخىنىمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە كۆپ ساھەلىك يولغا قويدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ھەربىي تەرەپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى لوكشىد قاتارلىق بەزى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆزى دەل «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما گەۋدىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ تىجارەت دائىرىسى ۋە مەھسۇلات تۈرى ئەمەلىيەتتە ئارمىيە ۋە خەلق ساھەسىدىن ھالقىپ كەتتى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى، بۇ تىپىك ھالدىكى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بولۇپ، بۇ، «ئەمەلدارلارنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەتكى، پۇقرالارنىڭ چىراغ يېقىشىغا رۇخسەت يوق» دېگەنگە ئوخشاش بىر ئىش. ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بولسا، جۇڭگونىڭ يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلىرىنى قامال قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ شۇ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توقۇپ چىقارغان باھانىسىدۇر. ئۇنىڭ نېگىزى بولسا، ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر مەھسۇلىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسى خەلقئارا ھەمكارلىق روھى ۋە ھازىرقى دەۋر ئېقىمىغا خىلاپ بولۇپ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ، ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىياسىتىدە ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سىياسەت ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەيىبلەشكە بولىدىغان ھېچ بىر يېرى يوق. جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە ئىجادىيىتىگە تايىنىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى خاتا ئۇسۇللارنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگوغا قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ توغرا يولىغا قايتىشنى دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ