شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كۆپىنچە بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولماقتا

بىر ئېغىر تىپتىكى بىمار ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەرتىلدى

2020.07.24 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ چېن 23-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاش، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، پۈتكۈل قۇتقۇزۇش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولماقتا، قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كۆپىنچە بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 23-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لۇ چېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەنى ھازىرلىغان، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىگە قاتناشقان، كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايونمۇ ئېغىر نەپەس يولى كېسەللىكى، دوختۇرخانا يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، پەرۋىش، كىلىنىكا، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى سەپلىدى. كېيىنكى مەزگىلدىكى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.

  لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىلگىرى ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن ۋە چەت ئەللەرگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئىككى داۋالاش ئەترىتىنىڭ داۋالاش خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر داۋالاش ئەترەتلىرى بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەندى، سۈنئىي يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى (ECMO)، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىسى يۆتكەپ كېلىنىپ، خادىملار، ماددىي ئەشيا تەييارلىقى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىلدى.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر ئېغىر كېسەل ئادەتتىكى كېسەلگە ئۆزگەردى. لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 19- ئىيۇل دوختۇرخانىغا كىرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويولغان 76 ياشلىق بىر ئەر بىمار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر تىپلىق ئالامىتى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تۆت قېتىم كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشى، كۆپ قېتىم داۋالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇشى ئارقىلىق، 22-چېسلا باھالاشتا، بۇ بىمار ئادەتتىكى تىپلىق ئۆلچەمگە يەتتى، دەپ قارىلىپ، ئېغىر كېسەللىك تىپىدىن ئادەتتىكى تىپقا تەڭشەلدى. ھازىر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 23-ئىيۇل يېڭىدىن كۆپەيگەن 16 بىمار تېببىي كۆزىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن 24 ى كۆپەيدى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە ھەقسىز يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا، زۆرۈر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: خادىملار كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24 كىچە، شەھەر بويىچە جەمئىي 1 مىليون 626 مىڭ 442 نۇسخا ئەۋرىشكە ئېلىندى.

  22-ئىيۇل سائەت 24 كىچە، شىنجاڭدا (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 82 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى (كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك، ئېغىر بىماردىن بىر نەپەر، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بىماردىن يەتتە نەپەر بار)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 80 كىشى، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر كىشى (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بارغان بىمار)، بىڭتۈەندە بىر كىشى بار؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلار 77 نەپەر بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يەنە 3284 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ