مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەر مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالماشتۇرۇلىدۇ

2020.07.23 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسى، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى كىنىشكىسى، مېيىپ زاپاس خادىملار خەلق ئەسكەرلىرى، خەلق ئىشچىلىرى كىنىشكىسى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن يارىلانغانلار كىنىشكىسى قاتارلىق تۆت خىل كىنىشكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش خىزمىتى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يېڭى كىنىشكا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى بىر يىل داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كونا كىنىشكا بىكار قىلىنىدىكەن. ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە يېڭى-كونا كىنىشكىلەر كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مېيىپلەر كونا كىنىشكىسى ۋە ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. مېيىپلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە قاتناش، ساياھەت قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بۇ قېتىم كونا كىنىشكىنى يېڭى كىنىشكىگە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى كىنىشكا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە، جايلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىشى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىشقا تەشكىللەپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم ماڭدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان مېيىپلەرگە ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  يېڭى نۇسخىدىكى كىنىشكىلارنى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش باستۇرغان بولۇپ، كىنىشكىگە تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان قەغەز ئىشلىتىلىپ، يالتىراق تالا، مۇقىم سۇ باسما، دېرىزە شەكىللىك بىخەتەرلىك سىزىقى قاتارلىق كۆپ خىل ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى قوللىنىلدى، يۇقىرى چاستوتىلىق ئۆزەك كۆچۈرۈلۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلدى، گۇۋاھنامە سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئوبيېكتلارنىڭ تەمىناتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىشى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەر ئالاقىدار مېيىپلەرنىڭ ئېتىبارلىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىسپاتى بولۇپ، مېيىپ ھەربىيلەر مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئارقىلىق ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئېتىبارلىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ: شەھەر ئىچى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى، تىرامۋاي ۋە رېلىسلىق قاتناش قوراللىرىغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدۇ؛ چېگرا ئىچىدە قاتنايدىغان پويىز، پاراخوت، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىگە ئولتۇرغاندا نورمال بېلەت باھاسىنىڭ %50 ىنى كېمەيتىپ ئېلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ مۇزېي، خاتىرە سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە ھۆكۈمەت بېكىتكەن ياكى يېتەكچى باھا بويىچە باشقۇرۇلىدىغان باغچا، كۆرگەزمىخانا، داڭلىق ئىزنالار، مەنزىرە رايونلىرىدا، بەلگىلىمە بويىچە بېلەت كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېيىپ ھەربىيلەر يەنە بەلگىلىمە بويىچە ئۆز جايىدا داۋالىنىشتا ئېتىبارلىق بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك چېگرا ئىچىدە ئاپتوموبىل-پويىز (پاراخوت) بېلىتى ياكى نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل (كېمە، ئايروپىلان)غا ئولتۇرغاندا ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

  مېيىپ خەلق ساقچىلىرى مېيىپ خەلق ساقچىسى كىنىشكىسى ئارقىلىق مېيىپ ھەربىيلەر بىلەن ئوخشاش ئېتىبارلىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ