مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئۇنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك

2020.07.24 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداش ۋە ئۇرغۇتۇشتا، «شەكىللىك قول»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت.

  يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋە خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش، يېقىن ۋە پاك بولغان ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن بازار سۇبيېكتىنى قوغداش ۋە قوللاشقا دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىشقا قاتناشقان كارخانىچىلار ئوخشىمىغان رايون ۋە ئوخشىمىغان ساھەدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تىجارىتىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بەزىلىرى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتكە قارشى ھالدا ئۆرلەشكە تىرىشقان. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى دائىملاشقان ئەھۋال ئاستىدا، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ۋە زىياننى قايتۇرۇۋېلىشىغا قانداق ياردەم بېرىش، چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىش بولسا، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى سىنايدىغان ئۆلچەمدۇر. بولۇپمۇ قورۇقچىلىق ئۆرلەۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا قاراپ چۈشىۋاتقان ۋە يەر شارى بازىرى چىكىنىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، قانداق قىلغاندا بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرغىلى بولۇش ئىشىدا، مۇھىمى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق سىياسەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە « كاپالەتلەندۈرۈش» ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەشنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» بولسا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 123 مىليون بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى تەك ئېلىپ بېرىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ «تاماق قاچىسى»نى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ مىكرو-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇشتەك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى «قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش»كە توغرا كېلىدۇ؛ تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە كۆپ مەنبەلىك خەلقئارا بازارلارنى ئېچىش بولسا، بازارغا، ھەسسىگە، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

  بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» بۇ يىلقى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇ. «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» بولسا، تۆۋەن چەك تەلىپى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى گەۋدىلىك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرگە قارىتىلغان. يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئېنىقسىزلىقى قانچە چوڭ بولغانسېرى، «كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ ئەھمىيىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»تە ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلەر بولسا، كارخانا ۋە يەككە سودا–سانائەتچىلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات–سودا ۋە يۇقىرى–تۆۋەن ھالقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يەنە «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بازار سۇبيېكتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىدىكى توسۇق نۇقتىسىنى ھەل قىلدى. كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىدە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئاساسى قاتلامغا بىۋاستە يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن «جاڭگىلىڭ ئامان بولساڭ، ئوتۇندىن نېمە غەم؛ جان بولسا جاھان تېپىلار، ئاش بولسا قازان.» دېگەنگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە. بۇ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن، جياڭسۇدىكى سۇجۇنىڭ تەدبىرى، يەنى خادىملارنى قىسقارتماي سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەدبىرىدىن، يەنە گۇاڭدۇڭ شېنجېندا كارخانىلارنىڭ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىگىچە ۋە يەنە جېجياڭ ۋېنجۇدا پۇل مۇئامىلە كرېدىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقىچە، جايلار ئەمدى مالىيە، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بەردى. جايلار ۋە تارماقلار تېخىمۇ پۇختا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى كرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ