مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرگەندە، قىسقا ئۇچۇر ئىچىدىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشنى قالايمىقان چەكمەڭ

2020.07.23 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقان ھامان، بەزىلەر قانۇنسىز يوللار بىلەن نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، مال-مۈلۈكنى كۆزلەپ ئالدامچىلىق قىلىشنى باشلايدۇ. شەندۇڭ ساقچىلىرى بۇ ھەقتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىش بەردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا «تولۇقلىما قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى»، «تولۇقلىما ئىلتىماس قىلىش» قاتارلىق ئۇچۇرلارغا يولۇققاندا، ئالاقىدار ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىپ، قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تور ۋىرۇسى ئۇلانمىسى بار نومۇرنى ئالدىن تەكشۈرىدىغان ساختا تور ئادرېسى قىلىپ يوللايدۇ، چەككەن ھامان، شۇ ۋىرۇس ئاپتوماتىك ھالدا يان تېلېفونغا كۆچۈرۈلىدۇ-دە، ئۇ قانۇن بۇزۇقچىلىرى يان تېلېفونغا باغلانغان بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توسۇش ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىش دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشسە، توردىن نەرسە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ ياكى 3- تەرەپ چىقىپ قىلىش سۇپىسى بىلەن ھېساب يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نومۇر تەكشۈرگەندە مائارىپ تارماقلىرى بېكىتكەن تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە نومۇر تەكشۈرۈش تور ئادرېسىنى توغرا تونۇپ، يان تېلېفونغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇردىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشنى ئاسانلىقچە چەكمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن چەكسىڭىز، يان تېلېفۇندىكى چىقىمدان قاتارلىق تېزدىن پۇل تۆلەش قوراللىرىنى دەرھال تېلفوندىن ئۆچۈرىۋېتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەمدە يان تېلېفون ئالاقىلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆرچۈرگەندىن كېيىن، يان تېلېفوننى قايتا تەڭشەش ياكى زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ۋىرۇس تازىلاتقۇزۇش كېرەك.مائارىپ ياردەم پۇلى ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەزىلەر «مائارىپ ئىدارىسى»، «مالىيە ئىدارىسى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى توغرا مەلۇم قىلىپ، ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئاندىن «مائارىپ ياردەم پۇلى» ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ھېساباتنى ئاكتىپلاشتۇرۇش» لازىم دېگەن نام بىلەن ئۇلارنى بانكا كارتىسىنى ئېلىپ ATM ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشقا ئالداپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بانكا ھېساباتىدىكى پۇلنى ئوغرىلايدۇ.

  ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پۇلنى تارقىتىش ھەرگىزATM ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالسا، ئاۋۋال مەكتەپ ۋە سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىش، شەخسىي ئۇچۇر ۋە بانكا كارتىسى نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىق كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، پۇل خەجلەپ تولۇقلاشقا بولىدىغان سانغا ئېرىشىش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ياردەم پۇلى دەپ، تۇرمۇش پۇلى ۋە تەربىيىلەش خىراجىتى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغانلارغا، قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى ياكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىسپات ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ