مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كۆپ يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

2020.07.23 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ كۆپ يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە «ئىككى يېڭى، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارغا ئاساسەن، شەھەرنىڭ كەمتۈك ساھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماكانلىشىش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشتا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ مۇھىم، زور يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر دەريا يولى، توسما، سۇ ئامبىرى، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەينى چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ھەر خىل ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى، مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمىتى، ئاقىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، نۇرغۇنلىغان دېھقانلارنىڭ ناھىيە شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىغا قارىتا، ناھىيە شەھىرىنى ۋاسىتە قىلىدىغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ قاتناش، ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۇرالغۇلارنى سېلىپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىنى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشكە يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى مالىيە مەبلىغىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرز پۇلى مەبلىغىنى بەلگىلىك پايدىسى بار، ھەقىقەتەن قۇرۇلۇش قىلىشقا تېگىشلىك ئاممىۋى ئەسلىھە تۈرىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مالىيە مەبلىغىنىڭ تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى ئىشلار تۈرى بويىچە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئېچىش خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك ۋە سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك كىرېدىت مەدىتىنى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. جايلار تۈر زاپىسى ۋە ئېچىشنى كۈچەيتىپ، شەھەر تەرەققىياتىدىكى تارىخىي قەرزلەرنى تەدرىجىي بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ئوبراز قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ