- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قىزىمغا ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.02.16 17:17 مەنبە: خەلق تورى
ئاتاڭدىن بىر ئۆگۈت- تەكلىپ قىزىم تۈركانە- تۈركانە،
ئادەملىك خىسلىتى بولسۇن ساڭا غەمخانە- غەمخانە.
قەدەم قويدۇڭ بۈگۈن تۇنجى ئىلىم- ھېكمەت تامانىغا،
ئىلىمسىزلەر بولۇر ھەرچاغ ھامان سەرسانە- سەرسانە.
ۋەتەن- خەلقىڭ بەخت- تەختىڭ، ئۇنىڭسىز كۈنلىرىڭ مۈشكۈل
ئىزىڭدىن چاچ ۋەتەن- ئەلگە بۈيۈك دۇردانە- دۇردانە.
پەزىلەت، شەرم- ھايا قىزغا بولۇر ئاش- نان كەبىي زۆرۈر،
ئېلىڭ رازى ― ئاتاڭ رازى، ۋەتەن بىر خانە- بىر خانە.
ھاياتنىڭ مۈشكۈلى چەكسىز بېلىڭنى باغلىغىن مەھكەم،
داۋانلارنى قىلىپ شوتا مېڭىپ مەردانە- مەردانە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر