- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تەنھالىق كۈيلىرى- غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.02.12 14:03 مەنبە: خەلق تورى
تەنھالىق كۈيلىرى
بىئىختىيار يوقاتتىم ۋىسالىڭنى پەرىشتەم،
تەنھالىقتا بىر كۈنۈم گويا ئەسىر تۇيۇلار.
قەپىزىدە ھىجراننىڭ بىر يۇتۇم سۇ تىلەيمەن،
كۆزدىن ئاققان يېشىمدا ماڭغان ئىزىڭ يۇيۇلار.
پىراقىڭدا بىھۇش بوپ ئايىغىڭغا يىقىلسام،
قۇچىقىڭدا پەپىلە يۆلەپ تۇرۇپ بېشىمنى.
چاك- چاك بولغان لېۋىمدىن شېرىن سۆزلەر چىقمىسا،
سەۋر قىلىپ سۈرت جېنىم كۆزدىن ئاققان يېشىمنى.
ھىجرانىستان چۆلىدە يالغۇز ئۇچقان بىر قۇشمەن،
ئاسمىنىڭدا تەلمۈرۈپ ئايلىنىمەن نەچچە رەت.
خىيالىمغا تاش ئاتما پەنجىرەڭدە تۈنىسەم،
چاچرىمىسۇن چۈشلىرىم شامال دارىپ، ئۆندەرەپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر