خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەيكۇ شيۇيىڭ پورتى، شىنخەي پورتى ۋە نەنگاڭ پورتىدىن ئىبارەت ئۈچ پورتتا كۆپ مىقداردىكى ئاپتوموبىللار تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى 8-كۈنىگە قەدەم قويدى. چيوڭجۇ دېڭىز بوغۇزىدا دائىم قويۇق تۇمان كۆرۈلۈپ، كۆرۈش دائىرىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى. مۇخبىرنىڭ پورت ئېغىزى ۋە قاتناش ساقچى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 25-فېۋرال سائەت 8دىن 17گىچە، خەيكۇنىڭ ئۈچ پورت ئېغىزىدا جەمئىي 44 پاراخوت قاتنىيالىغان، توشۇلغان ئاپتوموبىل 6047 كە، يولۇچىلار 28 مىڭ 565گە يەتكەن، نۆۋەتتە ئۈچ پورتتا يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل پورتتىن ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى