باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ ئېنلەي دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقى خاتىرىلەندى

«خەلقنىڭ زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتى خۇەيئەندە قانات يايدۇرۇلدى

2018.02.26 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، يولداش جۇ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىق خاتىرە كۈنى. يولداش جۇ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىشتىكى بىر تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇ ئېنلەي خاتىرە سارىيىدىكى ئاساسىي كۆرگەزمىگە قويۇلغان «خەلقنىڭ زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىلەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى جۇ ئېنلەينىڭ يۇرتى جياڭسۇ خۇيئەندە قانات يايدۇرۇلدى.

  ئىلگىرىكى كۆرگەزمىگە سېلىشتۇرغاندا، «خەلقنىڭ زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي» تېمىسىدىكى بۇ كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنى تېخىمۇ تولۇق، نەتىجىلىرى تېخىمۇ يېڭى بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان جۇ ئېنلەيگە ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى %70ى ناتۇرال بۇيۇملار، %60ى بولسا، ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يېڭى كۆرگەزمە ھازىرقى كۆرگەزمە زالى قۇرۇلمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تامسىمان مەنزىرىلەر، تىك كۆرۈنۈشلۈك ئايلانما ئېكران، ھولوگرافلىق تەسۋىر ۋە سېزىمچان كۆرگەزمە ئىشكاپى قاتارلىق كۆرگەزمە ۋاسىتىلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئۈچۈن يېڭىچە كۆرۈش سەزگۈسى تەسىراتىنى ھازىرلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر