باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىنىڭ 16 ئىنسپېكسىيە گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2018.02.26 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئېچىلىشىغا مۇقىم بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارغا 16 ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ ئەۋەتىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە قارىتا مەخسۇس نازارەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئىنسپېكسىيە گۇرۇپپىسى ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، زەربىدارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ۋە كارخانىلارنىڭ نەق مەيدانىغا چۆكۈپ، قاتتىق ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جايلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تىزگىىنلىشى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ تېخنىكا تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشى ۋە قاتتىق ئەمەلىيلەشتۇرۇشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنىڭ تۈرلۈك جاۋابكارلىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ خەۋپ-خەتەرنى تەكشۈرۈش، چوڭ يوشۇرۇن خەۋپنى يوقۇتۇش، زور ھادىسە كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئىشلەپ، جىددى ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇپ قېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم ھالدا ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر