- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ھەممە ئىقلىمدا باھار» سەنئەت ئۆمىكى پانامادا مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش ئويۇنى قويدى
2018.02.26 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2018- يىللىق «جۇڭگو مەدەنىيىتى. ھەممە ئىقلىمدا باھار» شىمالىي ئامېرىكا سەنئەت ئۆمىكى پانامانىڭ پايتەختى پاناما شەھىرىدە مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى تەقدىم قىلدى.
بۇ ئويۇن بولسا، جۇڭگو-پاناما ئىككى دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن «جۇڭگو مەدەنىيىتى. ھەممە ئىقلىمدا باھار» سەنئەت ئۆمىكى چاغان مەزگىلىدە پانامادىكى مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ئېلىپ كەلگەن تۇنجى ئويۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەزكۇر سەنئەت ئۆمىكى يەنە مۇھاجىر قېرىنداشلار يېڭىدىن راۋاجلىنىپ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كۆپىيىۋاتقان دۆلەت كوستارىكانىڭ پايتەختى سان خوسېدا، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خيۇستون، ئورلاندو، سان فىرانسىسكو ۋە چىكاكو قاتارلىق شەھەرلىرىگە بېرىپ ئويۇن قويىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر