سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتى (ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان بىلەن بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان).
بىر كەنتنىڭ ئورنى قانچىلىك بولىدۇ؟ ئەنخۇيدىكى شياۋگاڭ كەنتى دېڭىز يۈزىدىن 100 مېتىرغا يەتمەيدىغان ئېگىزلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ روھىي يۈكسەكلىكىنى ياراتتى.
بىر دانە بارماق ئىزىنىڭ كۈچى قانچىلىك چوڭ؟ ھايات- ماماتلىق ئەھدى تۈزۈلۈپ، 18 دانە بارماقنىڭ بېسىلىشى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئىچىۋىتشىنىڭ دەسلەپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى.
40 يىل ئىلگىرى، شياۋگاڭ كەنتىدىن باشلانغان «چوڭ ھۆددىگەرلىك» تۈزۈمى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار گۈلدۈرمامىسى بولۇپ، ئىدىيەۋى كىشەننى بۇزۇپ تاشلاپ، قاتتىق ئۇيقۇدىكى زېمىننى ئويغاتتى. دەل شۇ يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىليارد خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى باشلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ ئەمەلىيەت مۇساپىسى مۇشۇ يەردىن باشلاندى، تارىخ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان سەپەر. جۇڭگو يېڭى دەۋرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە، شياۋگاڭ روھىنى قايتا ئەسلەپ، قاينام-تاشقىنلىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئىچىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ شان- شەرىپىنى بەرپا قىلايلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى