2017- يىلى 23- نويابىر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى سامبۇلاغ يېزىسى ئېردىندالا كەنتىدە چارۋىچىلارغا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بەردى. ئۇلانمۇچىر موڭغۇلچە «قىزىل بىخ» دېگەن مەنىدە ئىدى، كېيىن «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئاتلىق ئەسكەرلىرى» گە ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، يايلاقنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت خىزمەت ئەترىتى.
2017- يىلى 21-نويابىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلانمۇچىر ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنى داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسى پۇختا، تارقىتىشقا، ساقلاشقا ئەرزىگۈدەك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئاتلىق ئەسكەرلىرى» بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.