- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
2018.01.08 14:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئېمانۇئېل ماكرون 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ .
ماكرون 1977- يىلى فىرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئامېندا تۇغۇلغان، پارىژ 10- ئالىي مەكتىپى، پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتى ۋە فرانسىيە دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ماكرون 2012- يىلى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان، 2014- يىلى 8- ئايدا فرانسىيە ئىقتىساد، سانائەت ۋە رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 2016- يىلى، ماكرون سىياسىي تەشكىلاتنىڭ «ئالغا» ھەرىكىتىنى بەرپا قىلغان، ھەمدە مۇستەقىل زۇڭتۇڭ نامزاتى سالاھىيىتى بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان. 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ماكرون فىرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتىدىكى 8-زۇڭتۇڭ ئەربابى ۋە 11- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇردى . ماكرون ئۆيلەنگەن بولۇپ، خانىمىنىڭ ئىسىم فامىلىيەسى بۇلىجىت ماكرون.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر