جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 24- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى