باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشتى

يېڭى ئىدىيە جۇڭگونى داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگۈسى

2017.10.23 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشى دائىم يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرنى بەلگە قىلىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە چوقۇم يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى.

  پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى

  ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل كارامەت بەش يىل، پارتىيەمىز يۈكسەك سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بۇرچى بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا بىر قاتار ئىجادىي، ئومۇمىيلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئىگە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

  «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ»، 1500دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. شاڭخەي دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئالدىن سىناق قىلغان رايون، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى، ۋەكىل ۋېڭ زۇلياڭ بۇ توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى دادىللىق بىلەن سىناپ ۋە ئىزدىنىپ، قەتئىيلىك بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ، بىر تۈركۈم ئاساسلىق ۋە يادرولۇق تۈزۈمدە يېڭىلىق ياراتتى، 100دىن ئارتۇق تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن ئىبارەت ئىككى يېڭى شەھەرنى مەركەزلىك قۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ بىن مۇنداق دېدى: بەش يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش پارتىيەنىڭ تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جاڭ شياۋليەن مۇنداق دېدى: نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە زىچ باغلىنىشلىق ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇ نەزەرىيەگە ئېھتىياجلىق ۋە نەزەرىيە ياراتقان، ئىدىيەگە ئېھتىياجلىق ۋە ئىدىيە ياراتقان دەۋردۇر.

  خۇنەن ئۆلكىسى لۇدى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى جيەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۈكسەك ئىخچاملىنىشى ۋە چوڭقۇر كېڭەيتىلىشىدۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر