باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى»نى قوغداشنىڭ دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈشى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى

2017.10.23 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىنى قوغداش»قا قارىتا، ۋەكىللەر: بۇ پارتىيەنىڭ خەلقنىڭ ھوقۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارىدى.

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىنى قوغداش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس كېلىدۇ.» 19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى شۆ جىمىن مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ئاساسى ماددىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە بولغان تەلىپى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىغا «كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى»نى قوغداشنىڭ كىرگۈزۈلۈشى دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوغدايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئىنتىلىشىنى قانائەتلەندۈردى.

  ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىسمانىي ھوقۇق، مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دېلولار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بولۇپمۇ ئالاقە تورى مۇھىتى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداش، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىدىن سودا خاراكتېرلىك پايدىلىنىش قاتارلىق كەسكىن خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جىڭجياڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن يەنپىڭ: «دوكلاتتا خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئەمدى، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يانداشما تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر