باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نىشانغا قاراپ ئاتلىنىشقا ئىشەنچىمىز كامىل

(يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپ . ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ساداسى)

2017.10.23 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشەنچ دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتىن كېلىدۇ.

  «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش». يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ چيۇڭيىڭ يۈننەن مائارىپ ئىشلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشىنىڭ شاھىتى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئەكس ئېتىپ تۇرغان ھەقىقىي ئىللىقلىق مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇشۇمدىكى ئەسلىي مەقسىدىم ۋە بۇرچۇمنى ئەسلەتتى، ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ». چىڭخەي ئۆلكىسى خۇاڭنەن تاشيول ئوچاستىكىسى مەيشيۇ ئىش رايونىنىڭ باشلىقى، «ئەڭ گۈزەل يول ئاسراش ئىشچىسى»، ۋەكىل خې شېڭلەن 20 يىلدىن ئارتۇق ياشلىق باھارىنى ئېگىزلىككە تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ خىزمىتىم بەك ئاددى، خەنزۇ يولۇچىلار بىلەن زاڭزۇ ئاممىسىنىڭ بىر ئېغىز «رەھمەت» دېگىنىنى ئاڭلىساملا يول ئاسراش ئىشچىسى بولغاندىكى ئەسلى مەقسىتىمگە يەتتىم دەپ ئويلايمەن.

  شاڭخەي «شېڭدوڭ» خەلقئارا كونتېينېر پىرىستانى چەكلىك شىركىتىنىڭ كىران شوپۇرى، ۋەكىل جاڭ يەن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كونتېينېر قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يەتتە قېتىم بۇزغان بولۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇمىدى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىدىكى ئىشچىلار ئۆز بۇرچىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. باش شۇجى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا بىزدەك 1-سەپتىكى ئەمگەكچىلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. يېڭى نىشانغا يېتىشكە بىزدەك ئىشچىلار كۈچ قوشىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار.

  ئىشەنچ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىدىن كېلىدۇ.

  خېنەن ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى نىڭجىن ناھىيەسى جياجياكۇ بازىرى خۇاڭئېريىڭشى كەنتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ۋەكىل نىڭ شياۋۋۇ مۇنداق دېدى: 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ بەرگەن دەبدەبىلىك ۋەدىسى، بۇ ھەم بارلىق نامرات ئاھالىلەرگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە پارتىيەمىزنىڭ نىشانى تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىرى تېخىمۇ كونكرېت بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن كەنت يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق باي كەنتكە ئايلاندى. ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، شۇڭا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچىمىز كامىل!

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ما شۈندۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئېيتقانغا ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز. گۇما ناھىيەسىدە خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مۇشۇ جايدا ياشىغان مىللەتلەر بار، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

  ئىشەنچ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىدىن كېلىدۇ.

  جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە موتورى گۇرۇھى گۇيجۇ «لىياڭ» ئاۋىئاتسىيە موتور چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇراشتۇرۇش ۋە سىناش زاۋۇتى پارچە سوغۇق قاچىلاش ئىسمېنىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جاۋ چۈنلىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گۇيجۇدا 7 مىليون 760 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. 1-سەپتىكى ئىشچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىم بار.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئەنخۈي ئۆلكىسى سۇجۇ توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئاسراش-رېمونت قىلىش بۆلۈمى توكلۇق ھالەتتە ئىشلەش سېمېنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل شۈ چىجىن مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى باشلاپ، كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان ئۇلۇغ يېڭى دەۋرنى ياراتتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ۋە بەرگەن قەسىمىنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۆرسىتىپ، قايسى كەسىپنى قىلسا، شۇ كەسىپنى سۆيۈشى، قايسى كەسىپنىڭ نېنىنى يېسە، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر