باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.10.23 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئاخبارات مەركىزى يېپىلىش يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقاردى:

  1. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ، مۇخبىرلار يىغىننى زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن كىرىپ، بەلگىلەنگەن رايوندا كۈتىدۇ. سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2-قەۋەتتىكى فوتو، سىن مۇخبىرلىرى ئورنى، 3-قەۋەتتىكى يېزىق مۇخبىرلىرى ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ. مۇخبىرلار رايونىغا كىرگەندە تىنچلىقنى ساقلىشى كېرەك.

  2. زىيارەت ئاپتوموبىللىرى يىغىننىڭ ئاپتوموبىل كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ بېكىتىلگەن ئورنىغا توختىتىلىدۇ.

  3.يېپىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلار 2-قەۋەتنىڭ جەنۇبىي زالىدىن يېپىلىش يىغىنىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  4. سىمسىز تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى زالغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. مۇخبىرلار بىر كىشى پەقەت بىرلا يانفون ئېلىشى كېرەك، يان تېلېفوننىڭ رەسىم تارتىش دەستىسىنى ئەكىرىشكە بولمايدۇ، يان تېلېفوننى ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويۇش ياكى ئېتىۋېتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر