باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەختلىك جۇڭگو ھېسىياتى ۋە روھىنى ئەكس ئەتتۈرەيلى

2017.10.23 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگودا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانە يوق»، 19-قۇرۇلتايدا نامايان قىلىنغان ھېسىيات ۋە روھ ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ پارتىيەنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى چۈشۈنۈۋالغىلى بولىدۇ.

  «مەن چوڭ بولغاندا بېيجىڭغا بارىمەن، تيەنئەنمېننى كۆرۈمەن»، «پۈتۈن جۇڭگودىكى نامرات نوپۇسلار نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ»... 19-قۇرۇلتاي تەنتەنىلىك ئېچىلدى، خەلق گېزىتى ئىشلىگەن ئىككى قىسىملىق مىكرو سىن __ «جۇڭگو يېڭى دەۋرگە كىردى» بىلەن «جۇڭگونىڭ قىزىل ئارزۇسى» ئۈندىدار توپلىرى ۋە دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى. 96 يىل بۇرۇن، بىر توپ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياشتىن ئاشمايدىغان ياشلار كۈلپەتتە ياشاۋاتقان مىللەتنى يېتەكلەپ، قىزىل ئارزۇ يولىغا چىققان، يېڭى دەۋرگە كىرگەن بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق، ئۈمىدىمىز تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. بالىلارنىڭ سەبى چىرايى، ياشانغانلارنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم، ھەربىيلەرنىڭ ساداقەتمەنلىككە تولغان كۆزلىرى، داھىيلارنىڭ خەلقنى ئويلايدىغان ھېسىياتى بەختلىك جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسىنى دۇنياغا كۆرسەتتى. بەزى تورداشلار باھا سۆزى يېزىش رايونىدا خەت قالدۇرۇپ: «تىرىشىپ ئىشلەيلى، بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز!» دېدى. تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا بولغان بۇ خىل ئىشەنچ ۋە قىزغىن ھېسىيات 19-قۇرۇلتاينى جانلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەل رايى ئىپادىسى بولۇپ قالدى.

  «جۇڭگودا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانە يوق»، 19-قۇرۇلتايدا نامايان قىلىنغان ھېسىيات ۋە روھ ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ پارتىيەنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشىنى چۈشۈنۈۋالغىلى بولىدۇ. بەزى تاراتقۇلار بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ چەت ئەل تىلىدىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىگە قاتناشتۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدى، قۇرۇلتاي نۇسخىسى ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئىسپانچە، ياپونچە، نېمىسچە، ئەرەبچە، پورتۇگالچە ۋە لائۇس تىلى قاتارلىق توققۇز خىل تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مەيلى بېيجىڭ يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنى ياكى «قانداق قىلغاندا مەھەللىلەردىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا قارىغىلى بولىدۇ» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلاردا بولسۇن، ھەممىسىگە چەت ئەللىك مۇخبىرلار قاتنىشىپ سوئال سورىدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى 19-قۇرۇلتاينى «دەرىجىدىن تاشقىرى پارتىيە دەرسلىكى»، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «خەلققە سائادەت يارىتىشنى ئىستەيدىغان، خەلقنىڭ گۈللىنىشىنى ئىستەيدىغان» ئەسلىي نىيىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلىشتىكى ياخشى پۇرسەت، دەپ قارىدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىتىش، خەۋەر قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە ھاسىل بولدى، تېخىمۇ كۆپ ئالقىش ياڭرىتىلدى.

  مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە يۈزلىنىش، تەرەققىياتنىڭ «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى يارىتىش، ئۇندىن كېيىن چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە ھەقىقىي ئادا قىلىشقىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش، نامراتلىقنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك كىرزىسلەردە جۇڭگو ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى، خۇددى فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى رافارىن مۇنداق دەپ باھالىغاندەك: جۇڭگونىڭ ئۇزاققا قاراتقان نەزىرى ۋە دەۋر ئېھتىياجىغا بولغان توغرا ئىشەنچىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن پايدىسى زور.

  «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرى» نېپالنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاقىللار ئامبىرىغا، سېربىيە دۆلەت كۈتۈپخانىسىغا كىردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنى بىرلىكتە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگىدەك نەتىجىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان تېما بولۇپ قالدى.

  ئۇرۇگۋايلىق بىر مۇخبىر مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مېنىڭ ئۆز دۆلىتىمنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەرەققىيات قىلالايدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئىشەنچىمنى چىڭىتتى. چۈنكى جۇڭگو ئاللىقاچان كىشىلەرگە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشنىڭ يەنە بىر خىل ئىمكانىيىتىنى كۆرسەتتى.» بۇ بەلكىم جۇڭگوغا كېلىپ 19-قۇرۇلتاينى خەۋەر قىلىۋاتقان بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تونۇشىغا ۋەكىل بولالىشى مۇمكىن. جۇڭگو ھازىر «بارغانسىرى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدىغان دەۋرگە» كىردى، دۇنيانىڭ جۇڭگودىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى. جۇڭگو داۋاملىق مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىستەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم ئېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر