خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئۆكتەبىر، 1987- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، ھازىرغىچە 29 يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى پايتەختىمىز بىيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بىيجىڭدىكى 24 ئالىي مەكتەپتىن تەشكىللەنگەن 20 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە 15- ئۆكتەبىردىن 16- ئۆكتەبىرگىچە ئىككى كۈن داۋاملاشتى.
مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول مارشى بىلەن باشلاندى، قىز- يىگىتلەرنىڭ لەرزان ئۇسسۇللىرى، يىگىتلەرنىڭ جۇشقۇن سامالىرى باشلىنىش مۇراسىمىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن، جوڭگو بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ پۇتبول سىنىپى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، تاشقى سودا-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچىلىككە، جوڭگو ئېلىكتىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى، بىيجىڭ قۇرلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلىك كوللىكتىپ بولۇپ باھالاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى