خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 23-ئاپرېل، 6 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا بايرىمى ‹‹يېڭىلىق يارىتىش. ئۆسۈپ يېتىلىش − جۇڭگو ئارزۇسى. ئىلىم - پەن ئارزۇسى. ياشلىق ئارزۇسى›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئاساسلىقى ئالتە تۈرلۈك پەن - تېخنىكا مۇسابىقىسى ۋە يەتتە تۈرلۈك تېمىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم ئالدىنقى يىللاردىكى ئاساسىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىلىم - پەن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى‹‹ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش ››خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بالىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق مەيدان پائالىيىتىگە 1600 ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى قاتناشتى، 3000 دىن ئارتۇق ئادەم كۆرەكنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، 6- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا بايرىمى بىر يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت (بىرلەشمىسى، تەتقىقات جەمئىيىتى)گە كېڭەيتىلىدىكەن ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار 33 تۈرلۈك ياشلار - ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا مۇسابىقىسى ۋە پەن - تېخنىكا ئاساسىي تېما قىلىنغان مائارىپ پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، مىليونغا يېقىن ياش - ئۆسمۈر پەن - تېخنىكا بايرىمىنىڭ يىللىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرىگە قاتنىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى