خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 22-ئاپرېل، ‹‹يېڭى يىپەك يولى. يېڭى ھالەت. كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش. چوڭ ھەمكارلىق ›› تېمىسىدىكى 2016 -يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە خەلقئارا ساياھەت-سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 4 -نومۇرلۇق سارىيىدا باشلاندى، بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكە ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىنىڭ يېڭى دەرىجىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭ سەھەر گېزىتى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىي ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. يەرمەنكە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 300 دىن كۆپرەك ساياھەت كارخانىسىنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان، گرۇزىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ساياھەت تارماقلىرى ، ساياھەت كارخانىلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، مېھمانخانا، رېستۇرانلارنىڭ مەسئۇللىرى بار . يەرمەنكە نەق مەيدانى يىپەك يولى ساياھەتچىلىك يەرمەنكىسى رايونى، پۈتۈن ساھە بويىچە ساياھەت بەرپا قىلىش- ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭ سوۋغىسى ساياھەت تاۋارلىرى سودا رايونى، شىنجاڭ ساياھەت يېڭى كەسىپ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى، ساياھەت ئەسلىھە - جابدۇقلىرى يەرمەنكىسى رايونى قاتارلىق بەش رايونغا بۆلۈنۈپ نامايەن قىلىنغان.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە يەنە يىپەك يولى خەلقئارا ساياھەت ھەمكارلىقى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ‹‹ئالاقە تورى›› + ساياھەت تەرەققىيات مۇنبىرى، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى