خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 21 - ئاپرېل ‹‹ئەنتا›› تەنھەرىكەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدا ‹‹ئۈمىد ۋاسكېتبول پەسلى›› جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە ھەدىيە قىلىش −− جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش تىن ئىبارەت.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ‹‹ئەنتا›› شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ 36 ناھىيە، شەھىرىدىكى 144 ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا 1 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلدى، بۇنىڭدىن 1600 گە يېقىن ئادەم نەپكە ئېرىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2016 يىللىق- مەملىكەتلىك ياشلار - ئۆسمۈرلەر ‹‹كەلگۈسىدىكى چولپان›› قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مۇسابىقە رايونى جەنۇبىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ۋاسكېتبول، ۋالىبول مۇسابىقىسى بويىچە مەكتەپ ئاياللار گۇرۇپپىسى ۋە يېزا قىز-چوكانلار گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىدىكەن، بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىگە ‹‹ئەنتا›› شىركىتى ياردەم قىلىدىكەن.
دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كۆكيار يېزىلىق ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى رابىگۈل مەتتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە توپ ئويناشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدىم. ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن توپ ماھارىتىمنىڭ تېزلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىتتىپاقلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى مۇسابىقە مەيدانىدىلا ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇشىمىزدا، بولۇپمۇ بۈگۈنكى شىنجاڭدا كەم بولسا بولمايدىغان روھ. بۇ قېتىم ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر مەكتەپ ۋە يېزا ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ جەسۇر، ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغان ئېسىل ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى