باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزنى سۈيلەش دەۋا دېلوسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلدى

2016.04.25 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئانتون سىلۇئانوف 22-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزنى سۈيلەش دەۋا دېلوسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  سىلۇئانوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇكرائىنا يېڭى ھۆكۈمىتىگە ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن مۆلچەرلەپ، ئۆز مەيدانىغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ، رۇسىيە بىلەن قەرز قايتۇرۇش توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە ۋاقىت بېرىش.

  2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئاكسىيەسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇكرائىناغا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ پىلان رامكىسىدا، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قەرەلى ئىككى يىللىق جەمئىي ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومىنى سېتىۋالغان ئىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇلتۇر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزى ئىگىلىك ھوقۇق قەرزى، دەپ بېكىتكەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر