خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- فېۋرال، جوڭگو ئاياللار ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى پەسلىدىن كىيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماي، 51گە قارشى 71 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي 2 : 0 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، بۇرۇن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرى ئىچىدە، ئىپادىسى ئەڭ قالتىس بولغان خۇالىن پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى 20 نومۇرغا ئېرىشىپ، پۈتۈن كوماندىنىڭ تۆھپىكارىغا ئايلاندى.
كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى كۈچلۈك كوماندا بولغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ قېتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچۈن ھەقىقىي جەڭ ھىسابلىنىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى