خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكى 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن نىڭبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، «كۇچا مەشرىپى»، «ئىتتىپاقلىق كۈيى»، «كۇچا چوڭ نېنى»، «بايرام تەنتەنىسى» قاتارلىق سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، كېچىلىككە قاتناشقان نىڭبو خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .
بۇ سەرخىل نومۇرلارنى كۆرگەن نىڭبو خەلقى شىنجاڭلىقلارنىڭ سەنئەت نومۇرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن، بىز پۇرسەت تېپىپ شىنجاڭغا جۈملىدىن كۇچاغا ساياھەتكە بېرىپ، ئىككى ئۇرۇننىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز دېيىشتى.
سۈرەتتە: 26-يانۋار كۇچا ناھىيەلىك مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار نڭبو تىياتىرخانىسىدا سەنئەت نومۇرى كۆرسەتمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى