خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-يانۋار مىسىرنىڭ دامىئېتتا، ئانۇسا كۇتا بىر كىچىك چىشى شىر بىلەن بىرگە سۆرەتكە چۈشتى. مىسىردا سېرىكچىلىك كىشىلەر ياقتۇرىدىغان تاماشا تۈرى بولۇپ، ئانۇسا قۇتا مىسىردىكى داڭلىق كۇتا جەمەتىدىن. 19-ئەسىردىن تارتىپلا قۇتا جەمەتى ھايۋانات كۆندۈرۈش بىلەن داڭق چىقارغان، ھەمدە ئىزچىل ئەرەب رايونىدىكى ئۆزگىچە ھايۋانات كۆندۈرۈش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن.
ھازىر ئانۇسا ۋە ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ قىسىم ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ئويۇن قويىدىكەن، ھەمدە روسىيەدە ئۆزىنىڭ سېرىك ئۆمىكى بار ئىكەن. قىشتا ئۇلار مىسىرغا قايتىپ سەييارە ئويۇن قويىدىكەن ۋە ھايۋاناتلارنى مەشقلەندۈرىدىكەن. ئانۇسا: «مەن بىر چوڭ ماشىنىغا ئورنىتىلغان، يۆتكىگىلى بولىدىغان سېرىك ئۆمىكىم بار بولۇشىنى ھەمدە ئويۇن قويغاندا بېلەت ئالماسلىقنى ئۈمى قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا ماشىنامنى ھەيدەپ، ھايۋاناتلىرىم بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەقىقىي ئويۇن قويالايمەن» دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى