باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

2016.01.08 10:27   مەنبە: خەلق تورى

3 - نۆۋەتلىك   ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل كىتابلىرىنى نەشىر قىلىش خىزمىتىدىكى ياخشى تەجرىبە ، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنى تەشۋىق قىلىشتا ئۈلگىلىك رولىنى كېڭەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىش خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاڭجى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەن جۇئاڭبېن يىغىنغا قاتناشتى.« 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش » پائالىيىتى دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 18 - قۇرۇلتاي ،ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3 - 4 - 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە « پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر » نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، « ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش » پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيەت. پائالىيەت ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلىكتە« 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنى يوللاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىلتىماس قىلىش دائىرىسى ۋە تەلەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 114 نەشرىيات ئورنى يوللىغان كىتاب سانى714يەتتى. يوللاش تەلىپىگە ماس كىلىدىغان 391 كىتاب تاللاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتاب 165 خىل بولۇپ %42نى ئىگەللىگەن، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتاب 226 خىل بولۇپ %58نى ئىگەللىگەن. مۇتەخەسىسلەر ئوقۇپ، تەكشۈرۈپ، باھالاش، تاراتقۇلار ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئاخىردا مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلار بىكىتىلدى.

  بۇ قېتىم باھالاپ چىقىلغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلار، موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، يىزۇ ، قىرغىز يېزىقى قاتارلىق 20 خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان. كونكرېت ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك:

  بىرىنچى، نادىر تېما باش تېما قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، مىللەتلەر نەشرىياتى، سىچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى، گۇاڭشى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان « باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرى ئوقۇشلۇقى»، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى نەشىر قىلغان « ماۋ زېدۇڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىدىن تاللانما » ، سىچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان « دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىللەتلەر مۇھەببىتى» ، مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان« پارتىيىنىڭ مىللەت نەزەرىيىسى ۋە مىللىي سىياسىتى» قاتارلىقلار بار .

  ئىككىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭراتتى. مەسىلەن ، لياۋنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرى»، جۇڭشىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان« مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ فېڭخۇاڭ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان « ئاكا - ئۇكا ئاچا سىڭىل بىر ئائىلە كىشىلىرى» قاتارلىقلار.

  ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتابنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنى نەشر قىلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب دېھقانلار قىرائەتخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ تەۋسىيەلىك كىتابلار كاتالوگىيەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب قايتا بېسىش ياكى قايتا نەشر قىلىنىدىغان چاغدا، مۇقاۋا ياكى باشقا مۇۋاپىق ئورۇنغا « دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 3- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش پائالىيتىدە تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار» دېگەن خەتنى بېسىپ ئىزاھلىسا بولىدۇ . جايلار ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار، كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتابنى تەشۋىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر كىتابلارنى مەكتەپ، مەھەللە، يېزا، ئاساسىي قاتلاملارغىچە يەتكۈزۈپ ئىجتىمائىي يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى