مۇخبىر: شىنجاڭنىڭدىكى قايسى ئۆزگىرىشلەر سىزگە بەكرەك تەسىر قىلدى؟
خې شىنجاڭ: مەن بىر ئوقۇتقۇچى، مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشتىن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 1989-يىلى مەن ئاقتۇ ناھىيەسى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپتە پەقەت بىر گىمناستىكا مەيدانى بىلەن بىر قاتار بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرلا بار ئىدى. قىش كۈنلىرى مەش قالاپ ئىسسىناتتۇق، بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئۆزىمىز ئوتۇن يۈدۈپ مەكتەپكە بېرىپ مەش قالايتتۇق.
ھازىر بىزنىڭ مەكتەپكە قاراپ بېقىڭە، ئىككى قەۋەتلىق ئوقۇتۇش بىناسى پاكىز ھەم ئازادە، پار ۋە سۇلار تەييار، دەرسخانىدا ئىشلىتىۋاتقىنى ئېلېكتىرونلۇق دوسكا، ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئاشخانا، ياتاق، كومپىيۇتېر ئۆيى، كۈتۈپخانا ھەممىسى بار، ئاشخانىدىكى ئۈسكۈنىلەرمۇ بەك زامانىۋى، دۇخوپكا، توڭلاتقۇ، دېزىنفېكسىيە ئىشكاپىمۇ بار تېخى.