مۇخبىر: سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا نېمىشقا شىنجاڭ دېگەن بۇ ئىككى خەت ئىشلىتىلدى؟
خې شىنجاڭ: 1981-يىلى مەن تۇغۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتا-ئانام مېنى شىنجاڭدىن يۇرتىمىز گەنسۇ پىڭلىياڭغا قايتۇرۇپ كېتىپتۇ، ئاتا-ئانام شىنجاڭدا قىسقا مۇددەت ئىشلەمچىلىك قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلىرى قالغاچقا، خاتىرە بولسۇن ئۈچۈن ماڭا خې شىنجاڭ دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. كېيىن ئۇلار شىنجاڭغا يەنە قايتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن شىنجاڭدا چوڭ بولۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ قالدىم.