مۇخبىر: بۇ ئىسىم سىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
خې شىنجاڭ: ئالدى بىلەن، ئىسمىنى ئەستە تۇتۇش ئاسان پولدى. كىشىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى بىر ئاڭلاپلا ئېسىدە چىڭ تۇتالايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، باشقىلار مېنىڭ ئىسمىمگە بەك قىزىقىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، يېڭى دوست بىلەن تونۇشۇپ قالساملا، چوقۇم ئىسمىمنىڭ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ ئىكەنلىكىنى سورايدۇ، بولۇپمۇ ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بارسام كىشىلەر تېخىمۇ ھەيران قالىدۇ، مەن ئىسمىمنى چۈشەندۇرگەن پۇرسەتتە باشقىلار بىلەن تېزدىنلا تونۇشۇپ كېتىمەن. ئۇلارغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرغاندا، ئۆزەممۇ بەق خوش بولۇپ كېتىمەن.