مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىق كاتتا مەرىكىسى بولغان 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 34 ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزگىچە كىيىملىرى ۋە خاسلىققا ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلدى. ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرگەندە، تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-بولۇپ مەيدانغا كىردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 270 تەنھەرىكەتچىنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، ماھىرلار 10 مۇسابىقە تۈرى، بەش ماھارەت تۈرى بويىچە كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەييارلىغان قىسقا سەنئەت نومۇرى ئورۇندالغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ چاۋىكى خېلىغىچە ئۈزۈلمىدى. باشقا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئۆزگىچە، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مەيداندىكى قىزغىن كەيپىيات بىرەر مىنۇتمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ساھىبخان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىرگەندە، پۈتكۈل تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، خېلىغىچە ئالقىش ياڭراتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرىنىڭ ۋاقتى سەل ئۇزۇن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن توختىماي چاۋاك چېلىشتى.
34 ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا جايلاشقاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋىي تەبرىك سۆزى قىلدى. ئارقىدىنلا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى باسقۇچقا يەتتى. ھەممە بىرلىكتە ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى كۈتۈۋالدى. 56 مىللەتتىن بولغان ئالتە مىڭدىن ئارتۇق قېرىنداش ئۆزلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىدىغان بۇ كاتتا مەرىكىنىڭ باشلانغانلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشتى. ئارقىدىنلا ئۆزگىچە سەنئەت نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلدى. پەخىرلىك تەنھەرىكەتچى جاڭ شياۋ پىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 مىللەت بىرلىكتە مەشئەلگە ئوت ياقتى. بىلىشىمچە، ئىلگىرىكى توققۇز نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 56 مىللەت بىرلىكتە مەشئەلگە ئوت ياقىدىغان ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى.
تۇنجى ئۆلكە مەركىزى بولمىغان شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى. 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرىشىگە توغرا كەلدى. گۈزەل، رەڭدار ئوردوس شەھىرىمۇ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىيات، تىپى ئۆزگەرگەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئوردوس شەھىرى «ياخشى ساھىبخان بولۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش»نى پۈتۈن شەھەرنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. دۇڭشىڭ رايونى، ئىجىنخورو خۇشۇنى ۋە كامباش يېڭى رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونى تولۇق تەييارلىقى بىلەن ماھىرلارنى كۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بارلىق مۇسابىقە مەيدان-سارايلار ماھىرلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلاندى. 10-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئوردوس شەھىرى جانلىق مەنزىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
گۈزەل ئوردوس، رەڭدار ئوردوس ماھىرلارنى ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت ۋە سورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ.