خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -3 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئابلەت ئابلىز خەۋىرى، فوتوسى:شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانىسىسنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش بويىچە نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى 2- ئاپرېل ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى .
نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتىدە، ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ئورۇنلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر دېھقان–چارۋىچىلار ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە سورىغان سۇئاللىرىغا نەق مەيداندا قانائەلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ، باغ ئورمانچىلىقتىن مول ھۇسۇل ئېلىشقا ئەقلىي جەھەتتىن مەدەت بەردى.
سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى