- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


101 ياشلىق موماينىڭ قىز چەۋرىسىنى قۇچىقىدا تۇتۇپ تۇرغان سۈرىتى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى
2015.04.03 15:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا 101 ياشلىق موماينىڭ يېڭى تۇغۇلغان قىز چەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرغان سۈرىتى توردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ يېشى بىر ئەسىر پەرق قىلىدىكەن، گەرچە سۈرەتنى تارتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ موماي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن تورداشلار بىر ئائىلىدىكى بۇ ئۆمۈر چولپىنى بىلەن ئەڭ كىچىك بوۋاقنىڭ سۈرىتىنى توردا بەس-بەستە تارقاتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 101 ياشلىق ئايال روسا ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدىن بولۇپ، 1913-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ بىر ئەسىردىن كۆپ ياشاپ، بۇ يىل 30-مارت ئالەمدىن ئۆتكەن. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن روسانىڭ ئەۋرىسى سارانىڭ ئىككى ھەپتىلىك بولغان بوۋىقى دوختۇرخانىدىن چىققان، سارا ئۇخلاۋاتقان قىزىنى مومىسىنىڭ قۇچىقىغا قويۇپ قويغان ھەمدە سۈرەتكە تارتىۋالغان، موماي بوۋاقنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولغان. لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئالەمدىن ئۆتكەن.
سارا ئەسلىدە بۇ سۈرەتنى مومىسىنى ئەسلەش ئۈچۈن تورغا قويۇپ قويغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن تورداشلار بۇ سۈرەتكە 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) مەدھىيە بەرگەن ۋە 78 مىڭ قېتىم ئورتاقلاشقان. يۈزدىن ئارتۇق تورداش سۈرەتنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
مومىسىنىڭ توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن سارا مۇنداق دېگەن: مومام ئەقىللىق ۋە قىزىقچى ئايال ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ روھى بۇلارنى بىلسە، چوقۇم خۇش بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر