باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل ھەدىمىزنىڭ «يۈز يىللىق قانداشلىق» ناملىق كىتابى جۇڭگو نادىر كىتابلار تېزىملىكىگە كىردى

2015.04.02 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى) ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل ھەدىمىزنىڭ «يۈز يىللىق قانداشلىق» ناملىق كىتابىنىڭ خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىر خۇشخەۋەر يەنى بۇ كىتابنىڭ 3-ئايلىق جۇڭگو نادىر كىتابلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىك خەۋىرى تارقىتىلدى.

  نادىر كىتاب دېگەن زادى قانداق كىتاب، كىم نادىر كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىز بۇ توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى. ھەممەيلەنگە ئايان بازارلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسى نادىر كىتاب بولۇشى ناتايىن، شۇنداقلا بەك ئالقىشلىنىپ كەتمىگەن كىتابلارنىڭ ناچار بولۇشى ناتايىن؛ لېكىن كەڭ كۆلەمدە تەۋسىيە قىلىنغان، بولۇپمۇ كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان، كىتابنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر تەۋسىيە قىلغان كىتاب كۆپ ھاللاردا نادىر كىتاب بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز زادى كىملەرنىڭ بۇ كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇنى جۇڭگودىكى نادىر كىتابلار تېزىملىكىنى تۈزىدىغانلارر ئىزچىل تۈردە ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەسىلە، ھازىر نادىر كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىدىغان تور بەت، كىتاب چۈشىنىدىغان كىشىلەر، مۇخبىرلار، تور ئابونتلىرى بەكلا كۆپ، لېكىن نەچچە ئون مىڭلىغان تارقاق تەۋسىيەلەر ئىچىدىن بىر ياخشى كىتابنى تېپىپ چىقىش بەسى مۈشكۈل ئىش. شۇڭلاشقا ئادەتتە تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تارقاق تەۋسىيەلەرنى بىر يەرگە جەملەپ، تەرتىپكە تېزىپ چىققاندىن كىيىن تاللاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.

  جۇڭگو نادىر كىتابلار تىزىملىكى ئايدا بىر قېتىم سەككىز تۈر بويىچە باھالاش ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تۈردىن ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان ئون پارچە كىتاب تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر