دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيەت-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، 2014-يىل جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو نەپىس ئۇسسۇلى» چېمپىيونىنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى، خەلقئارا كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ۋېنخۇا مۇكاپاتىغا ئۈچ قېتىم نائىل بولغان، دۆلەت «باغۋەن مۇكاپاتى» ساھىبى.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق سېرىك ئوپېراسى «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى»، چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق ئوپېرا «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، ئۇسسۇل «بۈركۈتلەر دۆلىتى»، «قوڭغۇراقلىق قىز»، چوڭ تىپلىق مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل ئەسىرى «تۇرپان بەزمىسى»، چوڭ تىپلىق مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىك «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى»، ئۇنىۋېرسال كېچىلىك «گۈزەل شىنجاڭ»، ئۈچۈنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «مېھىرلىك تەڭرىتاغ»، چوڭ تىپلىق زامانىۋى تىياتىر «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىقلار.