خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئۆكتەبىر كەچ سائەت يەتتىدە ياش ئۇيغۇر فوتوگراف قەيسەر غەيرەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەخسىي فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدىكى 798 سەنئەت بوشلۇقىدا داغدۇغىلىق باشلاندى.
قەيسەرنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئۆزى، دادىسى ۋە بوۋىسى قاتارلىق ئۈچ كىشى ئاساسلىق پېرسوناژ قىلىنىپ، ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسى باش تېما قىلىنغان مېھىرگە تولغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كىشىلەرنى ئائىلە مېھرى قوينىغا باشلاپ كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، قەيسەرنىڭ «بىر مەيدان ئورتاق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ـــ مەن، دادام، بوۋام» ناملىق شەخسىي فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 18-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى