24-ئۆكتەبىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات كەسپى تەسسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى شۇنداقلا 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ئىلمىي مۇھاكىمە ئەتىگەن سائەت 8:00دىن ـ 9:30غىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ زالىدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتكە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، تونۇلغان ھوسۇللۇق يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلار، داڭلىق يازغۇچىلار شۇنىڭدەك دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلق تورى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇ ئورۇنلىرى، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200دەك ئادەم قاتناشتى.