خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇيغۇر فوتوگرافلار مول نەتىجىلەرنى بىزگە سۇنماقتا، ئالدىنقى ئايلاردا داڭلىق فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭ فوتوگرافىيە كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، بىردەك ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى، 14-ئۆكتەبىر ياش ئۇيغۇر فوتوگراف قەيسەرنىڭ تۇنجى شەخسىي فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭ 798 سەنئەت بوشلۇقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، زور تەسىر قوزغىدى؛ بۇنىڭغا ئۇلاپلا داڭلىق فوتوگراف قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق يېڭى كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى؛ خەلق تورى يېقىندا ئۆتكۈزۈۋاتقان «يېڭى يىپەك يولى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى»غا كۆپلىگەن ئۇيغۇر فوتوگرافلار ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بەھەيۋەت تەبئىي مەنزىرىسى، كۆپ مەنبەلىك تارىخىي مەدەنىيىتى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناق، خاتىرجەم تۇرمۇشى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى فوتو سۈرەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى