ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 8-ئىيۇل سەھەردە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا «چېگرا قوغداش» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «چېگرا قوغداش» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 8-ئىيۇل سەھەردە غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ نۇرغۇن نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى. نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ھەربىي توقۇنۇشى 2012-يىلدىكى غەززە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق توقۇنۇش بولۇپ قالدى.