گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يۇمىلاق شىرە يىغىنى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى . گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلى ، ئامېرىكا IBM شىركىتى ، گېرمانىيە سېيمېنس شىركىتى ، فىنلاندىيە نوكىيا شىركىتى ، ئەنگلىيە چارتېرېد بانكىسى قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ دىرېكتورلىرى ، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، يېڭىلىق يارىتىش ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ، ئېنېرگىيە تېجەش ، مۇھىت ئاسراش ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بايان قىلدى ھەمدە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى .