7-ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، بېيجىڭنى 2022-يىللىق 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان رەسمىي نامزات شەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. يېقىندا بېيجىڭ نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرى ۋە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى بىلەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. 2015-يىلى 7-ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نامزات شەھەرلەر ئىچىدىن مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان شەھەرنى تاللاپ چىقىدۇ.