26-ئىيۇن ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بەنگۇڭتىڭى ، دۆلەتلىك ئاخبارات–نەشرىيات ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى بىرلىشىپ ‹‹ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇقتىلىق فىلىم ، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ›› (مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تارقاتتى [2014]22-نومۇر) تارقاتتى . مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات–نەشرىيات ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ۋە تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، نۇقتىلىق 20 فىلىم ۋە نۇقتىلىق 23 تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تاللاپ چىقىپ ، مەملىكەت ئىچىدە قويۇشنى پىلانلىدى . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق فىلىمى ‹‹ مېھىر–مۇھەببەت ›› بۇ تىزىملىككە كىردى ۋە 4-ئورۇندا تۇردى .