جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوت كوللېگىيەسى 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 9–كۈنىدىن باشلاپ شېنياڭدا سوت ئېچىپ ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدىكى سۇزۇكى كەيلۇڭ قاتارلىق سەككىز نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى سوتلىغان .
مەركىزىي ئارخىپخانا 9-ئىيۇل ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئۇنوشېنتارونىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان ئاساسىي مەزمۇننى ئېلان قىلدى . ئۇنوشېنتارونىڭ 1954-يىلى 8-ئايدىكى يازما ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 1920-يىلى ياپونىيەنىڭ خروشىما ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . 1941-يىلى 4-ئايدىن 9–ئايغىچە ياپونىيە 39-دىۋىزىيەسىنىڭ 232-بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ئەسكىرى سۈپىتىدە خۇبېي خەنكوغا كەلگەن ، كېيىن ياپونىيەگە قايتىپ كەتكەن . 1942-يىلى 4-ئايدىن 1945-يىلى 5-ئايغىچە ، خۇبېيدا 232-بىرلەشمە قوشۇندا ۋەزىپە ئۆتىگەن . 1945-يىلى 5-ئايدا 232- بىرلەشمە قوشۇن قونالغۇ تەييارلاش ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان . شۇ يىلى 8–ئايدا رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئەسىرگە ئالغان .