باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ خەنزۇ سوتچىسى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئۇيغۇر بوۋاينى قۇتقۇزىۋالدى

2014.07.10 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مېھرىگۈل ياسىنلار خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، ئاقسۇ شەھرىنىڭ كۆكيار يولى يېنىدىكى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياقىسىدا بىر ئۇيغۇر بوۋاي موتوسىكلىت مىنىپ كىتىۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن شىددەتلىك ئېقىۋاتقان ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىدۇ. مۇشۇ خەتەرلىك پەيتتە بۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفۇ ۋە باشقا خالىس شەھەر ئاھالىلىرى جىددىي ئاتلىنىپ، ئاخىرى بوۋاينى قۇتقۇزۋالىدۇ.

  ئۇ كۈنى سەھەر سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ماڭغان لى يۇڭفۇ ئاقسۇ شەھەر كۆكيار يولىنىڭ 5 كىلومىتېرلىق بۆلىكىگە يېقىن كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئالدىدا موتوسىكلىتلىق كېتىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز موتوسىكلىت بىلەن قوشۇپلا ياندىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ-دە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ماشىنىسىنى يول بويىغا توختىتىپ، ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىنلا 2 خىزمەتدىشى بىلەن تېزلىكتە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ يېنىغا يۈگرەيدۇ. بىر كۈن ياغقان قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ئۆستەڭ سۈيى بىردىنلا ئۆرلەپ، سۈ ئۆركەشلەپ جىددى ئېقىۋاتقان ئىدى، موتوسىكلىت بىلەن بوۋاينى ئاللىقاچان 100 مېتىردىن يىراقراق ئارىلىققا ئېقىتىپ كەتكەن ئىدى.

  ــــ بىز ئەسلىدە قىرغاقتا تۇرۇپ بوۋاينىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ قىرغاققا ئېلىپ چىقماقچى ئىدۇق، ئەمما شۇنچە كۈچەپمۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالالمىدۇق، شۇڭا بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىزمەتدىشىم بىلەن بىر ئۇزۇن تاياق تېپىپ كېلىپ بوۋاينى تاياققا ئېسىلدۈرۈپ قىرغاققا تارتىپ چىقتۇق. بوۋاينى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئالدىراپ-تېنەپ سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقان موتوسىكلىتقا قاراپ يۈگۈردۇق، ئۈچىمىز بىرلىشىپ تاياقنى زاكو ئېغىزىغا تاشلاپ موتوسىكلىتنى زاكو ئېغىزىدا توسۇپ قالدۇق، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان «شىن يۈن» شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تېرىنېرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ ماشىنىسىدىكى ئارغامچىنى موتوسىكلىتقا باغلاپ، كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ قىرغاققا سۆرەپ چىقاردۇق،ــــ دېدى لى يۇڭفۇ.

  بوۋاي بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن لى يۇڭفۇ قاتارلىقلارنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتقاندا، لى يۇڭفۇ بوۋايغا:

  ــــ ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، تۈزۈت قىلماڭ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش ھاجەتسىز،ــــ دەيدۇ.

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر